ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى يېڭى كۆمۈر كانلىرىنى چەكلەش قانۇنىنى ئېلان قىلدى
شۇ يەر ۋاقتى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرلىك مەھكىمىسى ئەنگلىيەنىڭ تېزدىن قانۇن چىقىرىپ ، يېڭى كۆمۈر قېزىش ئىجازەتنامىسىنىڭ تارقىتىلىشىنى چەكلەپ ، يېڭى كۆمۈر قېزىش تۈرلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ ھەرىكەت ئەنگلىيەنىڭ ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش ۋە يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بۇ يىل ئەنگىلىيە ئەڭ ئاخىرقى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتر ئىستانسىسىنى تاقىدى. ئەنگىلىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى مۇنداق دېدى: كۆمۈر قېزىش ئەنگىلىيەنى 140 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىدى ، ئەمما ھازىر پاكىز ئېنېرگىيە دەۋرىنى قوبۇل قىلىدىغان پەيت كەلدى.